خەۋەر

ئۇيغۇرچە WordPress 6.5 ئېلان قىلىندى

ئۇيغۇرچە WordPress 6.5 ئېلان قىلىندى


WordPress 6.5 ئىشلىتىلسە تور بېكىتىڭىزنىڭ ئىشلەتكۈچى تۇيغۇسى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. يېڭى ۋە كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارلار ئارقىلىق، ئۆزىڭىزگە خاس يولنى بايقاپ، ئىجادىي ئەسىرىڭىزنى تەڭشىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ئىجادىيەت تۇيغۇسىغا قوشۇلغان يېڭى مەزمۇن، يېڭىدىن قوشۇلغان ئاساسىي قورال بۆلەكنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بايقىيالايسىز.

تور بېكەتكە خەت نۇسخا قوشۇش ۋە باشقۇرۇش

يېڭى خەت نۇسخا ئامبىرى تور بېكەت لايىھەسىنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرى-مەتبەچىلىكىنى تىزگىنلەشتە كود يېزىپ ياكى ئارتۇق قەدەم بېسىپ يۈرمەيلا ئىشلىتىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. تور بېكىتىڭىزدە يەرلىك ۋە Google خەت نۇسخىلىرىنى ئورنىتىپ، چىقىرىۋېتىپ ۋە قوزغىتالايسىز، خەت نۇسخىلىرىنى خالىغان بۆلەك ئۆرنىكىگە قوللىنالايسىز. ئىختىيارى مەتبەچىلىك توپلىمى ئىقتىدارى تور بېكەت قۇرغۇچى ۋە تارقاتقۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئۇسلۇب تۈزىتىلمىڭىزنىڭ تەپسىلاتى

ۋاقىت تامغىسى، تېز قىسقىچە خۇلاسە ۋە بەتكە ئايرىلغان ئومۇمىي تۈزىتىلمە تىزىمى قاتارلىقلار ئىجادىي قۇرۇلۇشنىڭ تاماملىنىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىيەلەيسىز. ئۇسلۇب قوللانمىسىدا تۈزىتىلمە مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ، بىر تەرەپ قىلىۋاتقان مەزمۇننىڭ سىرتىدىكى ئۆزگەرتىشنى بىلدۈرىدۇ. ھازىر قېلىپ ۋە قېلىپ پارچىسىمۇ تۈزىتىلمىنى قوللايدۇ.

گۇرۇپپا بۆلەكتە تېخىمۇ كۆپ تەگلىك سۈرەت ئىشلىتىدۇ

چوڭلۇقى، تەكرارلىنىشى ۋە فوكۇس نۇقتا تاللانمىلىرىنى تىزگىنلەپ، زىل ۋە چاققان ئۇسۇل بىلەن جايلاشتۇرۇشقا كۆرۈنۈش ئۈنۈمى قوشىدۇ.

مۇقاۋا بۆلەكتىكى سۈرەتنى تىزگىنلەش موللاشتى

مۇقاۋا بۆلەك سۈرىتى تەرەپ نىسبىتىنى تەڭشەيدۇ ھەمدە قۇلاي ھالدا رەڭلەرنى دەستىلەپ، تاللىغان سۈرەتتىن ئۆزلۈكىدىن رەڭگە ئېرىشەلەيدۇ.

تېخىمۇ كۆپ بۆلەككە رامكا سايىسى قوشۇشنى قوللايدۇ

سايە قوللاش قوزغىتىلغاندىن كېيىن، كۆرۈنۈش چوڭقۇرلۇق جايلاشتۇرۇشى قۇرالايسىز ياكى لايىھەيىڭىزگە يېڭى خاسلىق قوشالايسىز.

يېڭى سانلىق مەلۇمات كۆرۈنۈشىنى بايقاش

بەت، قېلىپ، ئەندىزە ۋە قېلىپ پارچىسى سانلىق مەلۇمات كۆرۈنۈشىنى ئىشلىتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى خالىغانچە ئىزدەپ ۋە تەشكىللىيەلەيسىز. جەدۋەل ياكى سېتكا كۆرۈنۈشىدە سانلىق مەلۇماتلارنى تىزىپ ھەمدە سۆز بۆلەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە توپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارالايسىز.

سۆرەپ تاشلاش تېخىمۇ سىلىق

كېرەكلىك كۆرۈنۈش ئەسكەرتىشى يەنى تىزىم كۆرۈنۈشىدە تۈرنى يۆتكەش ياكى خىزمەت رايونىنىڭ خالىغان جايىغا سۈركىلىشسىز ھالدا يۆتكەشتە باشتىن ئاخىر يېڭى تۇيغۇ ھېس قىلدۇرىدۇ.

ياخشىلانغان ئۇلىنىش كونتروللىرى

بىۋاسىتە ئۇلانما قۇرۇش تەسىراتى، يەنى ئاددىيلاشتۇرۇلغان ئىشلەتكۈچى ئارايۈزى ۋە ئۇلانما كۆچۈرۈشنىڭ ت��زلەتمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇلانما قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.


تەسىرلىشىشچان API ئىشلىتىپ تەسىرلىشىشنى بۆلەككە ئەكىرىدۇ

تەسىرلىشىشچان API ئىجادكارلارغا ئۆلچەملەشكەن ئۇسۇل تەمىنلەپ، بۆلەك ئارقىلىق تەسىرلىشىشچان ئالدى تەرەپ تۇيغۇسىغا ئىشلىتىلىدۇ. جەرياننى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سىرتقى قورالغا تايىنىشچانلىقنى ئازايتتى شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمنى ساقلاپ قالدى. ئۇنى ئىشلىتىپ ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلەتكۈچى تەسىراتى ياراتقىلى بولىدۇ، مەسىلەن، شۇئان ئىزدەش نەتىجىسىگە ئېرىشىش ياكى زىيارەتچىلەر بىلەن مەزمۇن ئارىسىدا شۇئان تەسىرلىشىش.

بۆلەكنى ئىختىيارى بۆلەك ياكى باشقا ھەرىكەتچان مەزمۇنغا باغلايدۇ

يادرولۇق بۆلەك خاسلىق ئۇلانمىسىنى ئىختىيارى بۆلەككە ئۇلاپ، ئىختىيارى بۆلەك قۇرمايمۇ ئىختىيارى بۆلەكنىڭ قىممىتىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۆلەك باغلاش API ئارقىلىق، ئىجادكارلار بۇ ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ، بۆلەكنى خالىغان ھەرىكەتچان مەزمۇنغا باغلىيالايدۇ، ھەتتا ئىختىيارى بۆلەكنىڭ سىرتىدىكى مەزمۇنغىمۇ باغلىيالايدۇ. ئەگەر سانلىق مەلۇمات باشقا جايدا ساقلانغان بولسا، پەقەت بىر قانچە قۇر كود يېزىپلا بۆلەكنى يېڭى سانلىق مەلۇمات مەنبەسىگە ئوڭايلا نىشانلىيالايسىز.

ئەنئەنىۋى ئۆرنەككە كۆرۈنۈش قورالى قوشۇلدى

ئەنئەنىۋى ئۆرنەك ئىشلىتىدىغان لايىھەلىگۈچى ۋە ئىجادكارلار يېڭىلانغان لايىھەلەش تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ. theme.json نى ئىشلەتمەيمۇ، ئارىلىق، گىرۋەك، بەتچىلىك ۋە رەڭ تاللانمىسى تاللاشنى قوللايدۇ. قوللاش قوزغىتىلسىلا لازىم بولغاندا تېخىمۇ كۆپ قورال ئۆزلۈكىدىن قوشۇلىدۇ.

قىستۇرما تەسىرات ياخشىلىنىشىنى كېزىش

ھازىر قىستۇرما تايىنىشچانلىقنى باشقۇرۇش ئاددىيلاشتى. قىستۇرما يازغۇچى يېڭى بىر Requires Plugins تېما تەمىنلىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدا پەش بىلەن ئايرىلغان لازىملىق قىستۇرمىلار قىسقارتىلمىسىنىڭ تىزىمى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇلانمىسى بىلەن قوشۇپ تەمىنلىنىپ، ئالدى بىلەن شۇ قىستۇرمىلارنى ئورنىتىپ ئاكتىپلاشقا قۇلايلىق يارىتىدۇ.

ئىقتىدار يېڭىلانمىلىرى

بۇ نەشرىدە +110 ئىقتىدار يېڭىلىنىشى بار، پۈتكۈل يازما تەھرىرلىگۈچ ۋە بېكەت تەھرىرلىگۈچنىڭ سۈرئەت ۋە ئۈنۈمى روشەن ياخشىلاندى. يۈكلەش سۈرئىتى 6.4 كە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق تېزلەشتى، كىرگۈزۈش جەريانى ئالدىنقى نەشرىدىن بەش ھەسسە تېزلەشتى. تەرجىمە قىلىنغان بېكەتنىڭ يۈكلەش سۈرئىتى ئەڭ كۆپ بولغاندا %25 ئۆستى.

زىيارەتچانلىقى ياخشىلاندى

بۇ نەشرى پۈتكۈل سۇپىنىڭ 65 تىن ئارتۇق زىيارەتچانلىقىنى ياخشىلىدى، ئۇ ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ زىيارەتچان قىلىندى. بۇ نەشرىگە پەرق ئېتىش نىسبىتى تەڭشىكى، نۇر بەلگە فوكۇسى، تارماق تىزىملىك ۋە ئېلېمېنت ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ۋە تۈزىتىلىپ، ھەممەيلەننىڭ WordPress تۇيغۇسىنى ياخشىلىدى.

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتقا قىزىقسىڭىز WordPress 6.5 تارقىتىش بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

ئۇيغۇرچە WordPress 6.5 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى
چۈشۈر

جاۋاب يېزىش