خەۋەر

6.4 WordPress ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى

6.4 WordPress ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى


WordPress تە تور بېكەت قۇرىدىغانلار ئۈچۈن 6.4 WordPress نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئېلان قىلىندى، مەزكۇر نەشرى سىزنىڭ يېڭى تور بېكەت قۇرۇش ۋاقتىڭىزنى تېجەپ، بېكەت قۇرۇش سۈرئىتىڭىزنى تېزلەشتۈرىدۇ.


بۇ نەشرىگە يېڭىدىن قوشۇلغان ۋە كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارلار قىسقىچە تۆۋەندىكىچە:
يېڭى ئۆرنەكتىن «ئىككى مىڭ يىگىرمە تۆت يەنى 2024» دەپ ئاتالغان ئۆرنەك قوشۇلغان ھەمدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

بۆلەك ئىلمەك ئىقتىدارى قوشۇلغان.
ئەندىزە ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
Google خەت نۇسخىسىنى ئورنىتىپ تور بېكىتىڭىزدە ئىشلىتىشنى قوللايدۇ.

يېڭى لايىھە قوراللىرى ۋە ئىقتىدارى
مەزمۇن بۆلىكىنىڭ رەڭ تەڭشىكى
سۈرەتنى ئالدىن كۆزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.
تەگلىك سۈرەت بۆلىكىنى قوللايدۇ.
سۈرەتكە چىراغ قۇتىسى ئۈنۈمى قوشۇلغان.
بويىغا تېكىست يۆنىلىشى قوشۇلغان.
بەت ئاستى ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن.
يولباشچى بۆلەكتە تو��چە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بۇيرۇق تاختىسى كۈچەيتىلگەن.
تىزىم كۆرۈنۈشى كۈچەيتىلگەن.
قورال بالداق يېڭىلانغان.

ئىجادكارلار ئۈچۈن ياخشىلىنىشلار

قوليازما يۈكلەش تاكتىكىسى.
قوشۇمچە بەت ئۆزگەرگەن.
جەريان بالداق بۆلىكى قوشۇلغان.
ھۆججەت مەۋجۇتلۇقىنى تەكشۈرۈش ئازايتىلغان.
يېڭى تاللانما ئىقتىدارى قوشۇلغان.

6.4 WordPress نەشرى 2023-يىلى بىر قانچە قېتىم يېڭىلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلغان ياكى يېڭىلانغان. يېڭى لايىھە قوراللىرى ئارايۈز لايىھەسىگە زور دەرىجە ياخشىلىنىش ئېلىپ كەلگەن. نۇرغۇن كىچىك خاتالىقلار تۈزىتىلگەن. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز 6.4 WordPress نەشرىنىڭ ئىنگلىزچە تور بېكىتىدىن كۆرۈڭ.

ئۇيغۇرچە WordPress تور بېكىتىنىڭ ئادرېسى:
ئۇيغۇرچە WordPress تور بېكىتى

6.4 WordPress نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:
6.4 WordPress نەشرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى چۈشۈرۈش بېتى

WordPress نىڭ باشقا نەشرىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىپ ئېچىلغان بەتتىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق نەشرىنى چۈشۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

WordPress نىڭ باشقا نەشرىنى چۈشۈرۈش بېتى

6.4 WordPress نەشرىگە قوشۇلغان 2024 ئۆرنىكى جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان لايىھەلەنگەن بولۇپ، ھەر قانداق تور بېكەتكە ماس كېلىدۇ. ئۇ توپلىغان قېلىپ ۋە ئۆرنەكلەر ئوخشىمىغان ئېھتىياجلارنى قاندۇرالايدۇ، مەسىلەن كەسىپ تونۇشتۇرۇش، بىلوگ ۋە يېزىقچىلىق ياكى مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش دېگەندەك. پەقەت رەڭ ۋە جايلاشتۇرۇش ئازراقلا تەڭشەلسە، كۆپ خىل ئېھتىماللىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
2024 ئۆرنىكىنىڭ ئۇسلۇبى كۆپ خىل ۋە پۈتكۈل بەت لايىھەسىگە ئىگە بولۇپ، تور بېكەت قۇرۇلۇش جەريانىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق، تور بېكەت تەھرىرلىگۈچ بىلەن تامامەن ماسلىشالايدۇ شۇنداقلا WordPress 6.4 كە قوشۇلغان يېڭى لايىھە قوراللىرىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ.

2024 ئۆرنىكىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:

2024 ئۆرنىكىنىڭ چۈشۈرۈش بېتى

ھازىرغىچە WordPress تەرجىمە قۇرۇلۇشى قوللايدىغان 208 تىل ئىچىدە، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قۇرۇلۇشى تەرجىمىسى يېڭىلىنىپ مېڭىۋاتقان ئالدىنقى 66 تىل قاتارىغا كىردى. ئۇيغۇرچە نەشرىدە ئىلگىرى ھەر خىل تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاتالغۇ ئامبىرى قۇرۇلدى. تەرجىمە باشتىن ئاخىر ئاتالغۇ ئامبىرىدىكى تەرجىمىسى بويىچە بىردەك تەرجىمە قىلىندى، WordPress تەرجىمە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغانلارنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمىز. تەرجىمە بېتىدە تەرجىمە ئۇچۇرلىرىدىكى ئاتالغۇلار ئۆزلۈكىدىن ئاستى سىزىق سىزىلىپ چاشقاندا نىشانلانسا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىقتىدار تەرجىمە سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە بىر ئاتالغۇنىڭ كۆپ خىل تەرجىمە قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر سىز ئىنگلىزچە بىلمىسىڭىزمۇ باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلالايسىز.

ئۇيغۇرچە WordPress تور بېكىتى

WordPress قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش بېتى

جاۋاب يېزىش